高级搜索
  • 检察院名称:
  • 类别:
  • 文号:
  • 文书类别名称:
  • 当事人姓名:
  • 当事人性别:
  • 罪名:
  • 诉讼阶段:
  • 公开时间:
温宿县人民检察院 

温宿县人民检察院 

起 诉 书

 

温宿县检刑诉〔2025〕101号 

  

  ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                       ئو ت ج ئى چىقىش [2025]-نومۇرلۇق             

   جاۋابكار  قۇدىرەت غەيرەت،ئەر،ئۇيغۇر، 2002-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى  تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى 652922200205116098 ، تۇللۇق كۇرۇس مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ئونسۇ ناھىيە كىنو قۇيۇش مەركىزىنىڭ توختاملىق خىزمەتچىسى،ماسسا،نۇپۇسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئادېرىسى:شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيە مالىيە ئىدارىسى ئائىلىلىكلەر قورۇسى 3-بىنا 1-ئىشىك 602-نۇمۇرلۇق ئۆي،ئىلگىرى جازالانمىغان، 2025-يىلى 01-ئاينىڭ 5-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن  بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپلىككە بېرىلگەن،ھازىر جاۋابكار قۇدىرەت غەيرەت كىپىللىكتە. 

ئونسۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار قۇدىرەت غەيىرەت چېتىشلىق خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى 2025-يىلى 6–ئاينىڭ 20–كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى تېز تەرتىپىدە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى. 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە: 

   جاۋابكار قۇدىرەت غەيرەت  2024-يىلى 12 -ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 22 ئەتراپىدا ، ئونسۇ ناھىيە باباخان تاماقخانىسىدا  فىردەۋىس تۇرسۇنمەمەت،ئەكرەم قەھىرمان قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچكەندىن كىيىن 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 02دىن 57مىنۇتتا ،جاۋابكار  قۇدرەت غەيرەت 新NUB406نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ شىمالدىن جەنۇپقا يول يۈرۈپ ئونسۇ ناھىيە سودا سانائەت بانكىسى تۆت كۇچا يول بۈلىكىگە  كىلىپ ئاپتوموبىلنى سولغا قايدۇرۇش جەريانىدا ،شۇ يول بۈلۈكىدە قىزىل چىراقتا ساقلاپ تۇرغان قەلبىنۇر تۇرغۇن ھەيدىگەن 新NE2C03نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئاپتوموبىلىنى سۇقۇپ يول قاتناش ھادىسى سادىر قىلغان،بۇ قېتىملىق يول قاتناش ھادىسىدە ئادەم يارلانمىغان،يۇقارقى قاتناش ۋاستىلىرى بۇزۇلغان، جاۋابكار قۇدىرەت غەيرەتنىڭ قېنىدىكى ئالكوگول مىقدارى  mg/100ml228.92 چىققان .بۇ قىتىملىق ھادىسىدە جاۋابكار قۇدىرەت غەيرەتكە تۇللۇق مەسئۇليەت بىكىتىلگەن  .

  يۇقارقى پاكىتىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات،  جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچلارنىڭ گۇۋاھلىقى،   باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

   يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار قۇدىرەت غەيىرەتنىڭ مەست ھالەتتە موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راسىت. يول قاتناش تەرتىپىنى قوغداپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جاۋابكار قۇدىرەت غەيىرەتنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇن بەلگىلمىسى، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

 تەپتىش: دىلبەر يۈسۈپ                                              تەپتىش ياردەمىچىسى :ئەزمەت ئەركىن

2025-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى

قوشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، بىرنۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلسدە.