高级搜索
  • 检察院名称:
  • 类别:
  • 文号:
  • 文书类别名称:
  • 当事人姓名:
  • 当事人性别:
  • 罪名:
  • 诉讼阶段:
  • 公开时间:
温宿县人民检察院

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

 ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

                      ئو ت ج ئەيىبلمەسلىك (2025 )21- نۇمۇرلۇق

  ئەيىبلەنمىگۈچى مxx،ئەر،1995-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:xxxx19950818xxxxxx،تۇللۇقسىز ئوتتۇر مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،xx،ماسسا،نۇپۇسى ۋە ھازرقى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى: شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيە ئونسۇ بازىرى xx رايۇنىxxبىنا xxكۇرۇپۇسxxنۇمۇر،ئىلگىرى جازالانغان.2024-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى گومانى بىلەن ئونسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتۇپ قۇيۇلغان. 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇنسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن قانۇن بۇيىچە كېپىلگە بېرىلگەن،2025-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلىكە بېرىلگەن.

  ئەيىبلەنمىگۈچى مxx نىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دىلوسنى،ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2024-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،تەكشۈرۈپ كۆرۈپ 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى،2025-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى بۇلۇپ،ئىككى قېتىم تۇللۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردى.ئونسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى 2025-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇللۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دىلونى مەھكىمىمىزگە قايتا يوللىغان.

ئونسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەش پىكىرنامىسىدە :

جىنايەت گۇماندارى مxx 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى تxxنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئاق رەڭلىك بېنتىيەن CRV ماركىلىق دالا ماشىنىسىنى ئونسۇ xx نىمكەش ئاپتۇمۇبىل مۇلازىمەت شىركىتىگە ئاپارغاندىن كىيىن،زىيانلانغۇچى ھ xx بۇ ماشىنىنى جىنايەت گۇماندارى مxx بىلەن نەق مەيداندا سودىلىشىپ 66500 (ئاتمىش ئالتە مىڭ بەشيۈز)يۈەنگە نەق پۇلغا سېتۋالغان.مxx ماشىنا ساتقان 66500يۈەن پۇلدىن 10000 يۈەن(ئون مڭ يۈەن) پۇلنى ئەسلى ماشىنىنىڭ ئىگىسى تxx كە«باشقىلاردىن ماشىنىغا ئالدىن زاكالەت ئالغان پۇل» دەپ ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق تxxنىڭ ئۈندىدارىغا يۆتكەپ بەرگەن.قالغان 56500يۈەن(ئەللىك ئالتە مىڭ بەشيۈز)پۇلنىڭ 23500 يۈەننى ئە xxكە«ماشىنىنىڭ قالدۇق قەرزىنى قايتۇرۋېتىڭلار»دەپ ئە xxنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن.1500 يۈەن(بىر مىڭ بەشيۈز)زاكالەت پۇلى دەپ زىيانلانغۇچى ھxx كە بەرگەن.قالغان 31500 يۈەن(ئوتتۇز بىر مىڭ بەشيۈز) پۇلنى لاتاريە ئويناپ تۈگەتكەن.جىنايەت گوماندارى مxx،زىيانلانغۇچى ھxx نىڭ 66500 يۈەن(ئاتمىش ئالتە مىڭ بەشيۈز)پۇلدىن 18500 يۈەننى(ئون سەككىز مىڭ بەشيۈز)نى قايتۇرغان.قالغان 48000(قىرىق سەككىز مىڭ)يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن دەپ پاكىت بىكىتكەن.

  مەھكىمىمىز دىلونى تۇللۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرغاندىن كىيىن، يەنىلا ئونسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى مxx ئۈستىدىن بىكتكەن ئالدامچىلىق جىنايىتنىڭ پاكىتى ئېنىق ئەمەس،دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ئەمەس.ئەيىبلەش شەرتىگە توشمايدۇ دەپ قاردى.شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 175-ماددا 4-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە مxxنى  ئەيىبلىمەسلكنى قارار قلدى.

  ئەيبلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، مۇشۇ قارارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز قىلىسا بۇلىدۇ.

 زىيانلانغۇچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا،مۇشۇ قارارنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە،ئونسۇ ناھيىلىك خەلق تەپشىتش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىپ،ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بۇلىدۇ.ئىلتىماس  قىلماي بىۋاستە ئونسۇ ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆزى ئەرز قىلسمۇ بۇلىدۇ.

ئونسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2025-يىلى4-ئاينىڭ 18-كۈنى